«يېڭى قۇرۇقلۇق ئاشلىق كارىدورى» تەشەببۇسىنىڭ رەھبىرى كارېن ئوۋسېپيان TASS ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تەخمىنەن 25 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق ئەڭ چوڭ ئاشلىق تەمىنلەش توختامى ئىمزالىدى، دېدى.
«بۈگۈن بىز رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ توختاملارنىڭ بىرىنى ئىمزالىدۇق، بۇ توختاملارنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 2.5 تىرىليون رۇبلى (25.7 مىليارد دوللار – TASS) بولۇپ، 70 مىليون توننا ۋە 12 يىللىق دان، پۇرچاق ۋە مايلىق زىرائەتلەرنى تەمىنلەيدۇ» دېدى ئۇ.
ئۇ بۇ تەشەببۇسنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى نورماللاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. «بىز سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇكرائىنا ئېكسپورتىنىڭ يوقاپ كەتكەن مىقدارىنى تولدۇرۇشتىن باشقا نەرسە قىلمايمىز» دېدى ئوۋسېپيان.
ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، «يېڭى قۇرۇقلۇق ئاشلىق كارىدورى» تەشەببۇسى تېزدىن باشلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «نويابىرنىڭ ئاخىرى - دېكابىرنىڭ باشلىرىدا، رۇسىيە ۋە جۇڭگو ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، بۇ تەشەببۇسقا دائىر ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ».
ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ترانسبايكال ئاشلىق تېرمىنالىنىڭ ياردىمى بىلەن، بۇ يېڭى تەشەببۇس رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا ئاشلىق ئېكسپورتىنى 8 مىليون توننىغا يەتكۈزىدۇ، كەلگۈسىدە يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بىلەن بۇ سان 16 مىليون توننىغا يېتىدۇ.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى



