25-ئاپرېل كۈنى، بىرازىلىيە دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىنستىتۇتى (Inmet) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، 2023-يىلى ۋە 2024-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا بىرازىلىيەدە ئېل نىنو كەلتۈرۈپ چىقارغان كېلىمات نورمالسىزلىقى ۋە ئېغىر ھاۋارايى شارائىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەھلىلى كۆرسىتىلدى.
دوكلاتتا، ئېل نىنو ھاۋارايى ھادىسىسىنىڭ جەنۇبىي بىرازىلىيەدە يامغۇر مىقدارىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرغانلىقى، ئەمما باشقا رايونلاردا يامغۇر مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىن بۇ يىل مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا، ئېل نىنو ھادىسىسى بىرازىلىيەنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلىرىغا بىر قانچە قېتىم ئىسسىق دولقۇننىڭ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ سوغۇق ھاۋا ماسسىلىرىنىڭ (سىكلون ۋە سوغۇق فرونت) جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى چەكلىگەن. ئىلگىرىكى يىللاردا، بۇنداق سوغۇق ھاۋا ماسسىسى ئامازون دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ شىمالىغا بېرىپ، ئىسسىق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا چوڭ كۆلەمدە يامغۇر ياغاتتى، ئەمما 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ، سوغۇق ۋە ئىسسىق ھاۋا ئۇچراشقان رايون ئامازون دەرياسى ھەۋزىسىدىن 3000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىي رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن ۋە يەرلىك رايوندا بىر قانچە قېتىم چوڭ كۆلەمدە يامغۇر ياغقان.
دوكلاتتا يەنە بىرازىلىيەدىكى ئېل نىنونىڭ يەنە بىر مۇھىم تەسىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ئېشىشى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا رايونلىرىنىڭ يۆتكىلىشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىن بۇ يىل مارتقىچە، بىرازىلىيەدە تارىختىكى شۇ مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتى بۇزۇلدى. بەزى جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورت چوققىسىدىن 3 دىن 4 سېلسىيە گرادۇسقىچە يۇقىرى بولدى. بۇ ئارىلىقتا، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياز ئايلىرى بولغان يانۋار ۋە فېۋرالدا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ باھار پەسلى بولغان دېكابىردا يۈز بەردى.
بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر ئېل نىنونىڭ كۈچى ئۆتكەن يىلى دېكابىردىن بۇيان تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېيتماقتا. بۇ يەنە باھارنىڭ يازدىن ئىسسىق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي ئامېرىكا باھار پەسلىدىكى 2023-يىلى دېكابىردىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا جەنۇبىي ئامېرىكا ياز پەسلىدىكى 2024-يىلى يانۋار ۋە فېۋرالدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن ئىسسىقراق بولغان.
بىرازىلىيە كىلىمات مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئېل نىنونىڭ كۈچى بۇ يىل كۈزنىڭ ئاخىرىدىن قىشنىڭ باشلىرىغىچە، يەنى 2024-يىلى مايدىن ئىيۇلغىچە ئاستا-ئاستا پەسەيىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنلا، لا نىنانىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ۋەقەگە ئايلىنىدۇ. لا نىنانىڭ ئەھۋالى يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا باشلىنىشى، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى تروپىك سۇلارنىڭ يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى



