17-سېنتەبىر كۈنى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا كومىتېتى جۈمە كۈنى بەش ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىدىن ئۇكرائىنا ئاشلىقى ۋە مايلىق دان ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئۇزارتماسلىقنى قارار قىلغاندىن كېيىن، پولشا، سلوۋاكىيە ۋە ۋېنگىرىيە جۈمە كۈنى ئۇكرائىنا ئاشلىقىغا ئۆزلىرىنىڭ ئاشلىق ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
پولشا باش مىنىستىرى ماتۇش موراۋىتسكىي شەرقىي شىمالدىكى ئېلك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشتا ياۋروپا كومىتېتىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، پولشانىڭ يەنىلا بۇ چەكلىمىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ پولشا دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
پولشا تەرەققىيات مىنىستىرى ۋالدېما بۇدا، چەكلەش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ۋە جۈمە كۈنى يېرىم كېچىدىن باشلاپ مۇددەتسىز كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋېنگىرىيە پەقەت ئىمپورت چەكلىمىسىنى ئۇزارتىپلا قالماي، يەنە چەكلەش تىزىملىكىنىمۇ كېڭەيتتى. ۋېنگىرىيە جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بىر قارارغا ئاساسەن، ۋېنگىرىيە دانلىق زىرائەتلەر، كۆكتاتلار، ھەر خىل گۆش مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەسەل قاتارلىق ئۇكرائىنانىڭ 24 خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا ئىمپورت چەكلىمىسىنى يولغا قويىدۇ.
سلوۋاكىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بۇنىڭغا يېقىندىن ئەگىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىمپورت چەكلىمىسىنى ئېلان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىمپورت چەكلىمىسى پەقەت ئىچكى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغىلا ماس كېلىدۇ، ئۇكرائىنا ماللىرىنىڭ باشقا بازارلارغا يۆتكىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسسارى ۋالدىس دومبروۋىسكى جۈمە كۈنى دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىق ئىمپورتىغا قارشى بىر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسە روھى بىلەن ئىش قىلىشى، ئىجابىي قاتنىشىشى ۋە بىر تەرەپلىمە تەدبىر قوللانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
جۈمە كۈنى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر قائىدىلەرنى بۇزسا، ئۇكرائىنا «مەدەنىيەتلىك ئۇسۇلدا» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى



